ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خەلقئارانى خىتايدىكى دەپسەندىچىلىكلەرگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى لوندوندا نامايىش قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-دېكابىر «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلەر ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشچىلار ئالدى بىلەن ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئالدىغا يىغىلغان بولۇپ، ئارقىدىن لوندوننىڭ مەركىزىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغىچە يۈرۈش قىلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلغان. ئۇلار نامايىشتا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ئىشخانىسىنىڭ 10-دېكابىر خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، باياناتتا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا مىللەت ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرىنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، قىيناش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

باياناتنىڭ ئاخىرىدا خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئالاقىدار قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى ھۆرمەتلەشكە ۋە قوغداشقا چاقىرىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1153 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2023 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق