خىتاي ئارمىيەسى ياپونىيەگە تەھدىت سالدى

خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسمى ياپونىيەگە تەھدىت سېلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىن قورقمايدىغانلىقىنى جار سالدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 10-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ باياناتچىسى سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ياپونىيەگە تەھدىت سېلىپ، سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللارنىڭ خىتايغا تەۋە زېمىن ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

باياناتچى يەنە خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى دېڭىزدا تەۋەلىك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىقىنى ۋە قانۇن ئىجرا قىلغانلىقىنى، ياپونىيەنىڭ ئارال مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتسىز ھالدا سۆز قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى، خىتاينىڭ ياپونىيەنى مۇناسىۋەتلىك دېڭىزدىكى قانۇنسىز ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

ياپونىيە «كىيودو خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت باش ئىشتابى 10-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، 9-دېكابىر چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئىككى پاراخوتىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 10-دېكابىر خىتاي پاراخوتلىرى ئارقا-ئارقىدىن ياپونىيەگە تەۋە تېررىتورىيەدىكى دېڭىزدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۇدا ئىككى كۈن كىرىشى، شۇنداقلا بۇ يىلقى 41-قېتىملىق كىرىشى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 958 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2023 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق