10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا «ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىننى IHH ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن IHH ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئۇغۇر يىلدىرىم بايانات ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇ ئالدى بىلەن 75 يىل ئىگىلىرى ئېلان قىلىنغان «ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» نىڭ ئالاقىدار مۇھىم مەزمۇنلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئارقىدىن نۆۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن پەلەستىن خەلقى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر پاجىئەلەرنى تەكىتلىدى.
ئۇ باياناتتا خىتاي رېجىمىنىڭ مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇقىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە بولسا پەلەستىن خەلقىنى ئەر-ئايال ۋە كىچىك بالا دەپ ئايرىماستىن بومباردىمان قىلىۋاتقانلىقىنى، 7000 دىن ئارتۇق كىچىك بالا، 5000 مىڭغا يېقىن قىز-ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18000 مىڭغا يېقىن كىشىنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن بايانات ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ باياناتتا شەرقىي تۈركىستان بىلەن پەلەستىندە ئىنسانلارنىڭ قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى خەلقئارادا بىر قانچە دۆلەت ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يېقىنقى يىللاردا تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە سولاپ يېمەك-ئىچمەك بەرمەي قىرغىن قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، دىنى پائالىيەتلىرى ۋە بارلىق مەدەنىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىدىن تەتقىقاتچى زەينەپ ئەرتېكىن خانىم «ئىنسان ھەقلىرى ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدىكى دوكلاتىنى سۇندى.
بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، يىغىنغا ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە IHH يېتىملەر ۋەقفىنىڭ رەئىسى مۇرات يىلماز ئەپەندى «ئاسسىمىلياتسىيەدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققىچە: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور قادىر تېمىز «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا خەلقئارانىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئىنكاسى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىممۇ گۇۋاھلىق بېرىپ، «جازا لاگېرىدىكى كەچۈرمىشلەر» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ