ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كوممۇنىست خىتايدا ئۆستۈرۈلگەن سامساقنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئاممىۋى ساغلاملىققا ئېغىر خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي سامساقلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى» دەپ، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق سامساق بىلەن تەمىنلىگۈچىسى خىتاي ئۈستىدىن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا ئەرز سۇندى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان يەر شارى ئۆزەك بازىرىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن «ئىقتىسادىي ئۇرۇش» ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە يېڭى كىرىزىس يۈز بەرگەن بولۇپ، كىرىزىسنىڭ سەۋەبى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان سامساق بولغان.
خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سامساق بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا 2022-يىلى ئىمپورت قىلغان سامساقنىڭ مىقدارى ئىككى مىليارد كىلوگىرامغا يەتكەن. خىتاينىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى خىتايدىن 90 مىليون كىلوگىرام يېڭى، 70 مىليون كىلوگىرام قۇرۇتۇلغان سامساق سېتىۋالغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا خىتاي سامساقلىرىغا قارشى ھەرىكەت باشلانغان.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سىكوت ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىغا سۇنغان ئەرز خېتىدە خىتاي سامساقلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. سىكوت خېتىدە ئىككى خىل ئەندىشىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسى خىتاي سامساقلىرىنىڭ ساغلام بولمىغان مۇھىتتا ئۆستۈرۈلۈشى ئىكەن.
ئۇ خېتىدە ھەر خىل سۇپىلاردا ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىم، يېمەكلىك بىلوگى ۋە سىنئالغۇلاردا كۆرسىتىلگەن سامساقنىڭ خىتايدىكى پاسكىنا سۇدا ئۆسكەن سۈرەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ: «چەت ئەللەردە، بولۇپمۇ كوممۇنىست خىتايدا ئۆستۈرۈلگەن سامساق سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن خەلق ساغلاملىقىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ۋە: «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە، خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ئىقتىسادىي پاراۋانلىقىمىزغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان جىددىي بىر مەسىلە» دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەندىشىسى بولسا «ئىقتىساد» بولۇپ، ئۇ خىتاينى سامساقنى تەننەرخىدىن تۆۋەن باھادا بازارغا سالدى دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بەزى ئىمپورتلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدىغان قانۇننى ئەسكەرتىپ، سودا مىنىستىرلىقىدىن تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ سامساقلىرى تۈركىيەگىمۇ زور مىقداردا ئېكسپورت قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىكىدەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، سامساق بازىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە مونوپول قىلىپ كەلمەكتە. بۇندىن ئىلگىرى بىر قىسىم تۈركلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتاي سامساقلىرىنى سېتىۋالماسلىققا، يەرلىك سامساقلارنى ئىشلىتىشكە چاقىرىق قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر