ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى

ئامېرىكا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 8-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى جۈمە خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى قارا تىزىملىكنى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلغان ئۈچ خىتاي شىركىتىگە ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۈچ شىركىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۇرۇپپا ئەزالىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلغان سودا ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى، ئامېرىكا تەرەپ بۇ شىركەتلەرگە قارشى چوقۇم زۆرۈر كونترول قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى چەكلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 11-دېكابىردىن باشلاپ مەزكۇر ئۈچ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشى رەسمىي چەكلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىغا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 30 غا يېتىدىكەن. قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئەڭ يېڭى ئۈچ شىركەت جۇڭلياڭ شېكەرچىلىك شىركىتى، سىچۈەن جىڭۋېيدا تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە ئەنخۇي شىنيا يېڭى ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1305 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2023 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق