كانادا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشقا چاقىرىلدى

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كانادا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرىنى جازالاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ كانادا بازىرىغا كىرىشىنى توسۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر ھوقۇقى تەشەببۇسى قۇرۇلۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى گۇرۇپپىسى ئالدىنقى ھەپتە كانادا ھۆكۈمىتىنى يەتتە خىتاي سودا ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزۈپ، كانادا ئىمپورت سودىگەرلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئىككى تەشكىلات كانادانىڭ يەرشارى ئىشلىرى بۆلۈمىگە يازغان مەكتۇپىدا ئاساسلىقى پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات «قانۇنسىز ئوكيان تۈرى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاساس قىلغان. بۇ ئورگان بۇ يىل ئۆكتەبىردە «ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى بېلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغانىدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرىدا 2014-يىلدىن 2019-يىلغىچە، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئوندىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغان ۋە بەزىلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان.

ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلىم-پەن، جەمئىيەت ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مارگارېت مىككۇئىگ-جونستون ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مەن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىلغان خىتاي دېڭىز مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرىنى جازالىشىنى كۈتىمەن» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1174 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2023 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق