دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھارپىسىدا، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قاماش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تاشقى مۈلۈكنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى 8-دېكابىر كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقى ئۈچۈن توققۇز دۆلەتتىن 20 كىشىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىككى خىتاي ئەمەلدارىمۇ ئورۇن ئالغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلار دەپ بېكىتىلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە ئىلى ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ چى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ»دىكى خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپا ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ ليەنخې ئىكەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا گاۋ چى مەسئۇل بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق ئاتالمىش «شىنجاڭ» ج خ نازارىتى ئىلگىرى جازا بېكىتىلگەن ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، گاۋ چىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان مەزگىللەردە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، گاۋ چى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا يەنە خۇ ليەنخېنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئاتالمىش «شىنجاڭ» دىكى خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىدە يادرولۇق رول ئوينىغانلىقى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى تۈزۈش ۋە تۈزىتىشكە بىۋاسىتە ۋە يېقىندىن قاتناشقانلىقى، بۇ ئورگاننىڭ خىتاينىڭ نەزىرىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزى» دەپ ئاتىغان جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلاش ئۈچۈن ئالدىن قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
8-دېكابىر ئېلان قىلىنغان جازا تىزىملىكىدە يەنە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ھايتى ۋە جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى 13 شەخسمۇ بار ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئېلان قىلىنغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ