خىتاي كومپارتىيە سىياسىي ئىدارىسى يىغىن ئېچىپ، چېكىنىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
بىلۇمبېرگنىڭ 8-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ باشچىلىقىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 24 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىر يەرگە جەم بولۇپ، جىددىي يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا 2024-يىللىق ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا خىتاي ئىقتىسادشۇناسلار ۋە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر بۇ يىل ئىقتىسادىي ئېشىشنى نىشان قىلىشتا تېخىمۇ ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە ئىزدەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2023-يىلدىكى رەسمىي ئېشىش نىشانى تەخمىنەن %5 بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خىتاي بۇ يىل يىل بېشىدا يىللىق نىشان بېكىتىلگەندە، نۇرغۇن تەھلىلچىلەر بۇنى كونسېرۋاتىپلىق دەپ قارىغان. خىتاينىڭ كېلەر يىللىق نىشاننى قانداق بېكىتكەنلىكى تېخىچە ئاشكارىلانمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ