بۇ قېتىم خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زىددىيىتى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنلىقىنىڭ 8-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلېز مىشېل پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باش مىنىستىر لى چياڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ لۇتوڭ 7-دېكابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان.
ئۇ سۆزىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تولۇقلىما بىلەن باغلاپ، يېشىل ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە خىتاينىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىقتىدارى بارلىقى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيانىڭ يېشىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى جار سېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ توكلۇق ماشىنىلىرىغا تولۇقلىما بېرىشىگە قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشى، شۇنداقلا 5G تورى سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش بازىرىنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خىتاي كارخانىلىرىنى باراۋەر ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدىغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرغان.
ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن بولسا: «يېقىنقى ئىككى يىلغا قارايدىغان بولسىڭىز، سودا قىزىل رەقىمى بىر قاتلاندى. بۇ نۇرغۇن ياۋروپالىقلارنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلە. بۇنداق تەڭپۇڭسىزلىق پەقەت داۋاملاشمايدۇ. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى ھەممىگە ئايان، بىز ئۇلارنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلدۇق. ياۋروپا رەھبەرلىرى بىزنىڭ سانائەت بازىمىزنىڭ ئادالەتسىز رىقابەتكە ئۇچرىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. بىز رىقابەتنى ياخشى كۆرىمىز. ئۇ بىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. باھانى تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ ئىستېمالچىلارغا پايدىلىق. ئەمما رىقابەت ئادىل بولۇشى كېرەك. ياۋروپا خىتايدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ. بىزنىڭ ئارزۇ قىلغىنىمىز خەتەردىن ساقلىنىش. تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى ئارقىلىق ھەددىدىن زىيادە بېقىنىشنى ھەل قىلىش» دېگەن.
ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدىمۇ بىردەك پىكىرگە كېلەلمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ