تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى: ئازىيىۋاتقان مەسچىتلەردە كومپارتىيەنىڭ تەشۋىقاتى سۆزلىنىدۇ

خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «مەسچىتلەرنى بىرلەشتۈرۈش» نامىدا تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتلىرىنىڭ سانىنى زور كۆلەمدە ئازايتىۋاتقانلىقى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 6-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا مەككىگە ھەجگە بارغان يۈننەنلىك ئەلى ئىسىملىك تۇڭگان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئاتالمىش «مەسچىتلەرنى بىرلەشتۈرۈش» نامىدا نۇرغۇنلىغان مەسچىتلەرنى تاقىۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەرلىكتىكى نۇرغۇن كىچىك مەسچىتلەر تاقىلىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. ئەسلىدە ھەر بىر كەنتتە بىردىن مەسچىت بار بولۇپ، ئاتالمىش «مەسچىتلەرنى بىرلەشتۈرۈش» ھەرىكىتىدە نۇرغۇن مەسچىتلەر قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، قالدۇرۇلغان مەسچىتلەرمۇ خىرىسقا دۇچ كەلمەكتىكەن.

ئەلى ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىغا: «خىتاي ئالدى بىلەن ئۈچ مەسچىتنى بىرگە قىسقارتتى، ئارقىدىن قالدۇرۇلغان مەسچىتلەرگە كىشىلەرنى كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن تەھدىت سالدى. بۇ سەۋەبلىك ئاخىرىدا مەسچىتكە ھېچكىم كەلمەيدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر مەسچىتنى تاقىدى» دېگەن. ئۇ يەنە مەسچىتلەردە قۇرئان تەلىماتلىرى ئەمەس، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرلۈك تەشۋىقاتلىرى سۆزلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ كۆپلىگەن مەسچىتلەرنى تاقىۋەتكەنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي رېجىمى نىڭشيا ۋە گەنسۇ ئۆلكىلىرىدە ئاتالمىش «مەسچىتلەرنى بىرلەشتۈرۈش» ھەرىكىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەن. مەسچىتلەرنى باشقا سورۇنلارغا ئۆزگەرتكەندىن باشقا، مەسچىتلەرنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنىمۇ خىتايچە ئۇسلۇبقا ئۆزگەرتكەن.

خىتاي رېجىمى بىر نەچچە يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى باستۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئاتالمىش يېڭى قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، مەجبۇرىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى ھەر خىل ناملار بىلەن چېقىۋەتكەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى دۆلەت تېررورلىقىنى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ مەسچىتلىرىگىمۇ قاراتماقتا ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، «دىننى سوتسىيالىزمغا بويسۇندۇرۇش» دېگەندەك سەپسەتىلەر بىلەن تۈرلۈك جىنايەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسىدىن ھەرخىل ناملار بىلەن ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ پۈتۈنلەي قوغدالغانلىقىنى، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1987 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2023 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق