خىتايدا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى تېز سۈرئەتتە يامراۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كەلمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئورگان تورى 6-دېكابىر «قىش پەسىلدىكى مەكتەپلەردە تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنى قىش پەسىلدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېسەل ھالەتتە دەرسكە قاتناشماسلىقىنى، مەكتەپكە كەلمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇقتۇرۇشتا بۇ قارارنىڭ يېڭىدىن تارقىلىۋاتقان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى خەۋەردە خىتايدىكى كۆپلىگەن جايلارنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى كۆپ كۆرۈلىدىغان باسقۇچقا كىرگەنلىكى، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، كوللېكتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىش ۋە ئادەم توپلاشقان سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.
بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، خىتاي سەھىيە خادىملىرى بىر قاتار نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى بايقىغان بولۇپ، خىتاينىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن بالىلارنىڭ يۇقۇملانغانلىقى ۋە مەزكۇر كېسەلگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلمىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 22-نويابىر خىتايدىن مەزكۇر كېسەللىك ۋە بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ يۇقۇملىنىش، كۆپىيىشى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى.
شۇنداقلا بۇ يۇقۇم خىتايدىن تارقىلىپ چىقىپ، ھىندىستان، دانىيە ۋە گوللاندىيەدىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، سىرلىق ۋىرۇسنىڭ «Pneumonia» ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى ئىكەنلىكى، ئەڭ مۇھىم كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ گال ئاغرىش، ھارغىنلىق ۋە توختىماي يۆتىلىش قاتارلىقلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ