دوكلات: ياۋروپادىكى داڭلىق ماركىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك

ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتى 6-دېكابىر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت «ئۇيغۇر رايونىدىن ياۋروپاغىچە بولغان كىيىم-كېچەك تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ياۋروپادىكى داڭلىق كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 6-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، بۇ دوكلات ياۋروپا پارلامېنتىدىكى سوتسىيال دېموكراتچىلار پارتىيەسى تەرەققىيپەرۋەر ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، سوتسىيال دېموكراتچىلار ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ گۇمان قىلىنغان كىيىم-كېچەكلەرنى چېگرادا تۇتۇپ قالىدىغان سودا نىزامى يولغا قويۇشقا چاقىرىق قىلغان.

دوكلاتتا خەلقئارادا 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «شىنجاڭ» جوڭتەي گۇرۇھى ئىگىدارچىلىقىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ گۇرۇھ 2023-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ ئامېرىكا يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلاتى ئورگانىك ۋە بىرىكمە تالالىق رەخت، سۈنئىي خۇرۇم ۋە يېپىشقاق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولغان يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئون نەچچە توقۇمىچىلىق سانائىتى رايونى قۇرغان. ئۇلار خىتاي رېجىمى يولغا قويغان ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش سىياسىتىدىن نەپكە ئېرىشكەن. پەقەت تۆت شىركەتنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىنتايىن چەكلىك سانلىق مەلۇمات ۋە ئېنىق بولمىغان تەمىنلەش زەنجىرىنى ئىشلىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغانغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىز ياۋروپا بازىرىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1682 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2023 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق