تۈركىيەنىڭ ئەڭ باي، ئەڭ نامرات ۋىلايەتلىرى

تۈركىيەنىڭ ئەڭ باي، ئەڭ نامرات ۋىلايەتلىرى

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنى 7-دېكابىر تۈركىيەدىكى 81 ۋىلايەتنىڭ 2022-يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئەڭ باي، ئەڭ نامرات ۋىلايەتلىرىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىككە ئاساسلانغاندا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە ئىكەن:

1. كوجائەلى. كىشى بېشىغا يىللىق 302 مىڭ 772 لىرادىن توغرا كەلگەن.

2. ئىستانبۇل. كىشى بېشىغا يىللىق 287 مىڭ 524 لىرادىن توغرا كەلگەن.

3. تېكىرداغ. كىشى بېشىغا يىللىق 253 مىڭ 501 لىرادىن توغرا كەلگەن.

ئەڭ نامرات ۋىلايەتلەر رەت تەرتىپى بويىچە تۆۋەندىكى ئۈچ ۋىلايەت بولغان:

1. ۋان. كىشى بېشىغا يىللىق 54 مىڭ 272 لىرادىن توغرا كەلگەن.

2. ئاغرى. كىشى بېشىغا يىللىق 55 مىڭ 296 لىرادىن توغرا كەلگەن.

3. شانلىئۇرفا. كىشى بېشىغا يىللىق 64 مىڭ 416 لىرادىن توغرا كەلگەن.

تۈركىيەنىڭ 2022-يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىچە ئەڭ كۆپ قىممەت ياراتقان ۋىلايەتلەر تۆۋەندىكىچە ئىكەن:

1. ئىستانبۇل. 4 تىرىليون 564 مىليارد 280 مىليون لىرا بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30.4نى ئىگىلەپ، 1-ئورۇندا تۇرغان. ئەمما كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئىقتىسادتا 2-ئورۇندا تۇرغان.

2. ئەنقەرە. 1 تىرىليون 329 مىليارد 810 مىليون لىرا بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %8.9 نى ئىگىلەپ، 2-ئورۇندا تۇرغان.

3. ئىزمىر. 972 مىليارد 238 مىليون لىرا بولۇپ، تۈركىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %6.5 نى ئىگىلەپ، 3-ئورۇندا تۇرغان.

تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتى ئىچىدە ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر قاتارلىق بەش ۋىلايەت تۈركىيە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %53.9 ىنى ئىگىلىگەن.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 2282 قېتىم كۆرۈلدى
08/12/2023 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق