خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتتە خەلقنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەت قىلغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىقات قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي سىياسىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى بېيجىڭدا دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئالاقىدار مەخسۇس يىغىن ۋە سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن.
خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق سىياسىي مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى 4-دېكابىر بېيجىڭدا ئاتالمىش «دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى بېيجىڭ ھېكايىسى بىناكارلىق سەنئىتى سۆھبەت يىغىنى» ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن. كۆرگەزمىدە بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى ۋە خىرىستىيان دىنىدىن ئىبارەت بەش چوڭ دىننىڭ ئىمارەتلىرىنىڭ 300 پارچىدىن ئارتۇق تاللانغان سۈرىتى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان.
مەزكۇر سۈرەتلەردە بېيجىڭنىڭ دىنىي بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى، سەنئىتىنى قانداق خىتايچىلاشتۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي رېجىمى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئەقىدىسى ۋە دۇنيا قارىشىنى قانداق تەدبىرلەر بىلەن خىتايچىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان.
خىتاي رېجىمى بىر سۆھبەت يىغىنى، بىر تەشۋىقات فىلىمى ۋە سۈرەت كۆرگەزمىسى بىلەن بېيجىڭنىڭ دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى، تەتقىقاتلىرى ۋە ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، خىتايچىلاشتۇرۇش ئۆرنەكلىرىنى تەشۋىق قىلغان.
سۆھبەت يىغىنىدا، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي چىڭ ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىما خوڭ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، دىننى خىتايچىلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش، بېيجىڭدىكى دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئۆرنەك قىلىش ئاساسىدا، بۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ئالدىنقى نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ۋەھشىي ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ قانۇننى ئىجرا قىلغانىدى. كېيىنچە بۇ قانۇننى خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغىمۇ ئاستا-ئاستا ئىجرا قىلىشقا باشلىغانىدى. خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنغا ئالاقىدار بارلىق ئىش-ھەرىكەتلەرنى تولۇق چەكلىگەندىن سىرت، ھازىرغا قەدەر 16 مىڭغا يېقىن مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن.
خىتاي ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتىگە ئاساسەن، بۇ يىل 8-ئايدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، قۇرئاننى قايتىدىن تەرجىمە قىلىش، قۇرئاننى كۇڭزى ئىدىيەسى بىلەن شەرھلەپ، سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق رەزىل پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ