تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان 4-قۇملۇق تاشيولىدا قاتناش باشلاندى

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى جەلپ قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساياھەت رايونلىرىنى كۆپلەپ قۇرماقتا ۋە خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە، ساياھەت قىلىشقا چاقىرىق قىلغان تەشۋىقاتلارنى كۆپەيتىپ كەلمەكتە. خىتاي بۇ خىل رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان 4-قۇملۇق تاشيولىدا قاتناش باشلىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1-دېكابىر ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 276 كىلومېتىر كېلىدىغان، شەرقىي تۈركىستاندىكى تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان 4-قۇملۇق تاشيول تۇمشۇق-كۇنيۈ تاشيولىدا قاتناش باشلانغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، تۇمشۇق-كۇنيۈ تاشيولى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش مەيدانى 3-دېۋىزىيەنىڭ تۇمشۇق شەھىرى بىلەن 14-دېۋىزىيەنىڭ كۇنيۈ شەھىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى غول لىنىيە تاشيولى بولۇپ، تۇمشۇق شەھىرى يەكەن دەرياسى، مارالبېشى توغراقلىق دۆلەت ئورمان باغچىسى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم ئېكولوگىيە رايونلىرىدىن ئۆتىدىكەن.

3-دىۋىزىيە تۇمشۇق شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەسئۇل ئەمەلدارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇمشۇق-كۇنيۈ تاشيولى يەكەن دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتىدىكەن. قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ يول ئۇلى ياساشنى ئازايتىش شەكلىنى تاللاپ، توغراقلىقنى ھالقىپ ئۆتىدىغان 2.88 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يەكەن دەرياسى پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكىنى ياسىغان. تۇمشۇق-كۇنيۈ تاشيولى بۈگۈر ناھىيەسىدىن نىيە ناھىيەسىگە بارىدىغان، ئارال شەھىرىدىن خوتەن شەھىرىگە بارىدىغان، لوپنۇر ناھىيەسىدىن چەرچەن ناھىيەسىگە بارىدىغان ئۈچ قۇملۇق تاشيولىدىن كېيىنكى تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان 4-قۇملۇق تاشيولى بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى قولايلىق يولنى تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى جاي ئارىسىدىكى يول يۈرۈش ئارىلىقىنى ئىلگىرىكى 600 كىلومېتىر ئەتراپىدىن 276 كىلومېتىرغا قىسقارتقان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش مەقسىتىدە، مۇھىم رايونلارغا ئاتالمىش «دېھقانچىلىق مەيدانى، دىۋىزىيە» دېگەندەك ناملاردا مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، قوراللىق قىسىم ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا سۇ مەنبەسى بار رايونلاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق بوز يەر ئېچىپ، خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان 4-قۇملۇق تاشيولىنىڭ خىتايلارنى مەزكۇر رايونغا يەرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتەك رەزىل مەقسەتتە ياسالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3757 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2023 15:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق