7-ئۆكتەبىر ھاماس قوزغىغان «ئەقسا كەلكۈنى» ھەرىكىتى ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي كەسىپلەرنىڭ بىرى بولغان تېخنىكا ساھەسىدىكى 6000 شىركەتكە ئېغىر زەربە بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يېرىمىنى، باج كىرىمىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدىكەن.
ئەلجەزىرە تورىنىڭ 4-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيەدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان نىسبىتى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىسرائىلىيەدىكى شىركەتلەرگە مىكروسوفت، ئالما قاتارلىق ئامېرىكىدىكى چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سالغان. ئەمما بۇ شىركەتلەر ئاللىبۇرۇن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر دېگۈدەك ئالدىنقى يىللاردىكى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ تېخنىكا سانائىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە ئىقتىسادى تېزلا ئەسلىگە كەلگەن. ئەمما نۆۋەتتە غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ئەھۋالنى ئۆزگەرتكەن. ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تېخنىكا سانائىتى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان، %80 تىن ئارتۇق ئىلغار تېخنىكا شىركىتى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى دوكلات قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇرۇشنىڭ تېخنىكا شىركەتلىرىگە بولغان بىۋاسىتە تەسىرى ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە 300 مىڭدىن ئارتۇق زاپاس ئەسكەرنى ئۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلغان. ئىسرائىلىيە SNC شىركىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تەخمىنەن %10 تېخنىكا خادىمى ئارمىيەگە تەكلىپ قىلىنغان. فوربېس ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، تېخنىك خادىملىرىنى قوشۇنغا تەكلىپ قىلىش نىسبىتى بەزى شىركەتلەردە %30 كە يېتىدىكەن.
غەززەدىكى ئۇرۇش سەۋەبلىك مەبلەغنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى كېچىكتۈرۈش ئەھۋالى كۆپەيگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ئورگىنى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەدە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر 2021-يىلى 27 مىليارد دوللار مەبلەغ توپلىغان بولسا، نۆۋەتتىكى ئۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىدە تېخنىكا شىركەتلىرىگە داۋاملىق مەبلەغ سېلىش مەسىلىسى چوڭ كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن.
ئېكسپورت بېجى ۋە تېخنىكا كەسپى ئىسرائىلىيەنىڭ باج كىرىمىنىڭ %30 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈللىنىشى ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىدا ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، نۆۋەتتىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلار توختىغان ياكى ئاستىلاپ قالغان. ئۇرۇش بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيە خەزىنىسىگە باج تاپشۇرۇش ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ