گانادا قانۇنسىز كان قازغان بىر خىتاي قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جەرىمانە قويۇلغان ۋە قاماق جازاسى بېرىلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گانادىكى بىر سوت مەھكىمىسى بىر خىتاي پۇقراسىنى قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان بولۇپ، بۇ دېلو 2017-يىلى باشلانغانىكەن. بۇ گانادىكى خىتايلارنىڭ قانۇنسىز كان قېزىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاي پۇقراسى خۇاڭ ئەيشانىڭ ئادۋوكاتىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر خىتايغا گانانىڭ پايتەختى ئاككرادىكى سوت مەھكىمىسى تۆت يېرىم يىل قاماق جازاسى بەرگەندىن باشقا، 48 مىڭ گانا پېسوسى جەرىمانە قويغان.
خىتاينىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سوت مەھكىمىسىدىن خۇاڭ ئەيشاغا قاماق جازاسى ئورنىغا جەرىمانە قويۇپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھۆكۈمگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش-سۇنماسلىق ھەققىدە يەنىلا بىر قارارغا كېلىشى كېرەك ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالتۇن، نېفىت ۋە كاكائو ئىشلەپچىقارغۇچى گانا قانۇنسىز قېزىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتايلار چوڭ تىپتىكى ئورمانلارنى ۋەيران قىلىش، سۇ مەنبەلىرىنى بۇلغاش، يەرلىك خەلقلەرنى ئىنتايىن ناچار، ئېغىر شارائىتلاردا قۇلدەك ئىشلىتىش قاتارلىق يولسىزلىقلار بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ