خىتاي تۈرك دۆلەتلىرى سودىگەرلىرىگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى جىددىي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئەسلىدە قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، تۈرك دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تېمىر سارىيوف بىلەن خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ دېۋېن 3-دېكابىر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

قىرغىزىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، تېمىر سارىيوف بىلەن دۇ دېۋېن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تۈرك دۆلەتلىرى سودىگەرلىرىگە قاراتقان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرى ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1240 قېتىم كۆرۈلدى
05/12/2023 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق