جەنۇبىي دېڭىزدا جىددىيچىلىك كۈچەيگەن بولۇپ، 135 خىتاي پاراخوتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان دېڭىز رايونىغا يىغىلىشى فىلىپپىننىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 4-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش جىددىيچىلىكى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقارغان بولۇپ، 3-دېكابىر فىلىپپىن جەنۇبىي دېڭىزدا تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان ئوكسبو رېف ئەتراپىدا 135 خىتاي پاراخوتىنىڭ يىغىلغانلىقىدىن چۆچۈگەنلىكنى بىلدۈرگەن.
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي پاراخوتلىرى ۋىتسونداي رېفنىڭ ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، خىتاي بۇنى ئوكسبو رېف دەپ ئاتايدىكەن، ئەمما فىلىپپىن بۇ يەرنى باررانىڭ سىرتىدىكى جۇلىئان فېلىپ(récif Julian Felipe)دەپ ئاتايدىكەن. بۇ ئارال خادا تاش پالاۋان ئارىلىنىڭ غەربىگە 320 كىلومېتىر بولۇپ، خىتاينىڭ خەينەن ئارىلى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1000 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىتسونداي رېف سىپرات ئارىلىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خىتاي، فىلىپپىن ۋە جەنۇبىي دېڭىز بىلەن چېگرالىنىدىغان بىرۇنېي، مالايشىيا، تەيۋەن ۋە ۋىيېتنامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر قانچە دۆلەتنىڭ ھەممىسى بۇ رايوندا ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. بۇ دېڭىز رايونىدا مول نېفىت قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلار بار ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىن تەرەپ 13-نويابىر خىتايدىن 111 ئاتالمىش «دېڭىز ئارمىيەسى خەلق پاراخوتى»نى بايقىغان. 2-دېكابىر شەنبە كۈنى بۇ سان كۆپىيىپ 135 پاراخوتقا كۆپەيگەن. فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى خىتاي پاراخوتىغا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تارقاتقان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، خىتاي پاراخوتلىرى پۈتكۈل رايونغا تارالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ