ئامېرىكىنىڭ خىتاي توغرىسىدىكى ھاۋارايى ئۇچۇرلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر سۈنئىي ھەمراھنىڭ لىنزىسىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەنبەلەردە خىتاينىڭمۇ پات يېقىندا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئالدىنقى ئايدا خىتاي بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا «مېتېئورولوگىيە ئىستىخبارات ئۇرۇشى»نىڭ يۈز بەرگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، خىتاي رېجىمى ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن دۆلەتتە 300 گە يېقىن ھاۋارايى ئىستانسىسى ۋە كۆزىتىش نۇقتىسى شەكلىدە كۆرسىتىلگەن ئىستىخبارات ئۈسكۈنىلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئون خىتاي شىركەتنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مېتېئورولوگىيەلىك ئۆلچەش ۋە كونترول ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىستىخبارات توپلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتىكى كىرىزىس بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھەر ھەپتە مېتېئورولوگىيەلىك ئىستىخبارات توقۇنۇشى يۈز بېرىدىغان ئەھۋالغا كەلگەن.
يەرشارى ئىستىخبارات نەشرىياتى ئورگىنى بولغان Intelligence Online ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي قولغا چۈشۈرگەن ھاۋارايى ئىستانسىسى كۆرۈنۈشىدىكى ئىستىخبارات قوراللىرىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئەمما خىتاينىڭ قولىدىمۇ مېتېئورولوگىيە ئىستىخبارات ئۈسكۈنىلىرى مەۋجۇت ئىكەن ۋە خىتاي بۇ ساھەدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن غايەت زور چىقىم قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي-ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئىستىخبارات ئىگىلەش ئۇرۇنۇشى كۈنسېرى كۈچەيگەن بولۇپ، خىتاي بىر تەرەپتىن سىگنال توسۇش شارى ئىشلىتىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مېتېئورولوگىيەلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن سانلىق مەلۇمات سۈپىتىدە توپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يىپەك يولى تۈرىدىكى سودا شېرىكلىرىگە قولىدىكى مېتېئورولوگىيە ئۇچۇرلىرى ۋە ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغان.
IO ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا نۆۋەتتە خىتاينىڭ تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئاسماندىن ئۆزى خالىغان مېتېئورولوگىيەلىك ئىستىخبارات سۈرەتلىرىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات ۋە ئىستىخبارات كۆزىتىش سىستېمىسىغا ئىگە بولغان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ قېتىم ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسىگە ئۇ رەسىملەرنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى بەرگەن.
مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 2021-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىلگەن ۋە خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (CMA) تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان «فېڭيۈن 4» دەرىجىلىك ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھىنىڭ لىنزىسىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى مېتېئورولوگىيە ئىستىخبارات سۈنئىي ھەمراھىغا ئايلاندۇرۇش بېيجىڭنىڭ ئالدىنقى پىلانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا.
مېتېئورولوگىيەلىك جاسۇسلۇق ئىستىخبارات دۇنياسىدا تونۇلغان بىر ئىپادە بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئېنىقلىما كىلىماتولوگ، گىدرولوگ ۋە مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھاۋارايى ۋە يەر شارائىتىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مەلۇم ۋاقىتتا، مەلۇم بىر جايدىكى ھاۋارايىنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. مېتېئورولوگىيە جاسۇسلۇقى بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، تېلېگراف، قاتناش، ئاۋىئاتسىيە ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردە ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرى ئىشلىتىدىغان مەخسۇس بىر ساھە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر