تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئۈستىلى» مەسئۇلى ئوسمان نۇرى ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 2-دېكابىر نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان قاتارلىقلار كۈتۈۋالدى.
كۆرۈشۈشتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
«شەرقىي تۈركىستان ئۈستىلى» مەسئۇللىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇماقچى بولغان ياكى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ھەر ساھەدە ياردەم قىلىپ، يول كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئىگە چىقىش نۇقتىسىدىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەسسە قوشۇپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ