خىتاي تۈركمەنىستان بىلەن ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش كېلىشىمى تۈزدى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭ 28-، 29-نويابىر كۈنلىرى تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشقئاباتتا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇپ، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوف ۋە تۈركمەنىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرەدوف بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىر قاتار كېلىشىملەرنى تۈزۈپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە بىرلىكتە زەربە بېرىش ھەققىدىمۇ بىرلىككە كەلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دىڭ شۆشياڭ مەزكۇر كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ تۈركمەنىستاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى ئىكەنلىكىنى: «خىتاي تۈركمەنىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تۇتۇشنى قەتئىي قوللايدۇ» دەپ بىلدۈرۈپ ھىيلىگەرلىك قىلغان بولۇپ،

بەردىمۇھەممەدوف ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە: «تۈركمەنىستان خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ۋە خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ» دېگەن.

دىڭ شۆشياڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە يەنە تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مەرىدوف بىلەن سۆھبەتلەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن خىتاي-تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ كۆلىمىنى ئاشۇرۇش، تەبىئىي گاز ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مۇھىم ئىقتىسادىي تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش توغرىسىدا كېڭىشىشنى تېزلىتىش قاتارلىق كۆپلىگەن تۈرلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا كېلىشكەن.

ئىككى تەرەپ يەنە ئۆز ئارا مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇش، ئەنئەنىۋى داۋالاش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ بالدۇر يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلغان. شۇنداقلا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدا ئاتالمىش تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋە خىتاي داۋراڭ سېلىپ كېلىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچ» كە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قوشۇلغان.

مەزكۇر يىغىندىن كېيىن، دىڭ شۆشياڭ بىلەن مەرىدوف پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا تاشيول تىرانسپورتى قاتارلىق بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1377 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2023 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق