ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خىتاينى تەھدىت سېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خىتاينى تەھدىت سېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزەك تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ لازىملىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى جىنا رېيموندو 2-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق مۇداپىئە مۇنبىرى «رېگان دۆلەت مۇداپىئە مۇنبىرى»گە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا خىتاينى «بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ ئاتىغان ۋە: «خىتاي بىزنىڭ دوستىمىز ئەمەس» دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاپ قىلىپ: «ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارغا ئېرىشىشتىن توسۇپ قېلىشى كېرەك» دېگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە كەسكىن سودا ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي رىقابەتكە پېتىپ قالغان بولۇپ، بۇ رىقابەتتە ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئاساسلىق رول ئوينايدىكەن.

ئۆكتەبىر ئېيىدا جىنا رېيموندو خىتاي رېجىمىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتايغا ئىلغار ئۆزەكلەرنى ئېكسپورت قىلىش، بولۇپمۇ سۈنئىي ئىدراكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارغا بىر قاتار چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغانىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر كونترولغا نارازى بولۇپ، ئۇنىڭ «نامۇۋاپىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

جىنا رېيموندو بۇ قېتىملىق مۇداپىئە مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە ئىلگىرىكەدەكلا: «بىز خىتاينىڭ بۇ خىل ئۆزەكلەرگە ئېرىشىشىگە يول قويمايمىز» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1018 قېتىم كۆرۈلدى
04/12/2023 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق