خىتاي ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش سەۋەبلىك قەرزدارلارنىڭ سانى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان بولۇپ، 8 مىليون 540 مىڭ پۇقرا قەرزنى قايتۇرالماي قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 3-دېكابىر ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ۋىرۇس تارقالغاندىن بۇيان خىتايدىكى قەرز ئالغۇچىلارنىڭ قەرز قايتۇرالماسلىق نىسبىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلى خىتاي ۋىرۇسى پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە پەقەت 5 مىليون 700 مىڭ كىشى قەرزنى قايتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. نۆۋەتتە بۇ سان 8 مىليون 540 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 18 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات خىتايدىكى ئىشلەش ئىقتىدارى بولغان نوپۇسنىڭ %1 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەرزىلىرى ئۆي قەرزى، سودا قەرزى ۋە باشقا تۈرلۈك قەرزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قەرزنى قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان خىتاي ئىقتىسادىي كىرىزىسىنىڭ كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى توسالغۇغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشى، ئالىپاي ۋە ئۈندىدار چىقىمدانى قاتارلىق ئەپلەر ئارقىلىق پۇل تۆلىشى چەكلىنىدىكەن.
بېيجىڭدىكى ئەقىل ئامبىرى دۆلەتلىك مالىيە ۋە تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئائىلە قەرزى بىلەن GDP نىڭ نىسبىتى بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشقان بولۇپ، بۇ ئېشىش ئۆتكەن ئون يىلدا %9 كە يەتكەن، ئەمما ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشى ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشى ھەتتا تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئاخىرى قەرزنى قايتۇرالمىغان. قەرزنى قايتۇرالمىغانلىقى سەۋەبلىك بىر قىسىم كىشىلەر ئىشتىن بوشىتىلغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەت تېپىشتا قىينالغان. بۇ يىل 6-ئايدا خىتايدىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، %21.3 كە يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارادا يۈز-ئابرۇيىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي رېجىمى بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى توختاتقان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ