ئۇيغۇر تور چولپىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىنى ئاشكارىلىدى

ئۇيغۇر تور چولپىنىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە سۆزلىگەن ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكىتنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە ياشايدىغان، دوۋيىن (تىك توكنىڭ خىتايدىكى نۇسخىسى) ھېسابىدا 600 مىڭدىن ئارتۇق ئەگەشكۈچىسى بار شىرىن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر تور چولپىنىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ئەكسىچە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا سەل قارىماسلىقنى، بولمىسا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ 21-نويابىر دوۋيىن سۇپىسىدا ئېلان قىلغان سىندا ئەگەشكۈچىلىرىنى: «مېنى ئاگاھلاندۇرمىدى دېمەڭلار. بولمىسا نۆۋىتى كەلگەندە نادانلىقىڭىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسىز» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، خىتاينىڭ ھەر بىر شەخسنىڭ توردىكى پائالىيىتىنى، جۈملىدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى، ئەگەشكۈچىلىرىگە توردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ مەزمۇنىنى ياقتۇرۇش ياكى باھا بېرىشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە بىر شەخسىنىڭ كىمنى قوللايدىغانلىقى، كىمگە باھا بېرىدىغانلىقىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ دائىم خىتاينى قوللايدىغان سىنلارنى تارقىتىدىغان بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن دوۋيىنغا يوللىغان سەككىز مىنۇتلۇق سىندا ئۇيغۇرلارنى ئېھتىياتچان بولۇشقا چاقىرغان ھەمدە ئۇلارغا ئۆز كۆز قارىشىنى ئاشكارا بايان قىلماسلىقنى ئەسكەرتكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4917 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2023 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق