خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «تورنى تازىلاش» نامىدا يۈرۈشلۈك مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ قېتىم يەنە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى 30-نويابىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئاتالمىش «تورنى تازىلاش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر تۈردىكى ھەرىكەتلەرگە پۈتۈن كۈچ بىلەن زەربە بېرىشتىكى تەدبىرى ۋە ئومۇمىي نەتىجە-ئۈنۈم ئەھۋالىنى ئۇقتۇرغان.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى تۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى خاككېرلىق جىنايىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن خىتايدىكى ج خ ئورگانلىرىنى «تورنى تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتىگە داۋاملىق تەشكىللەپ، 2022-يىلىدىن بۇيان خاككېرلىق تۈرىدىكى جىنايەت دېلوسىدىن 2430 نى پاش قىلىپ، 7092 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يوۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خاككېرلىق دېلوسىنىڭ پاش قىلىنىش سانى ئۇدا ئۈچ يىل ئېشىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %27.7 كە يەتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ تۈرلۈك ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ يەنە ئاتالمىش «تور تازىلاش ھەرىكىتى» نى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىدىغانلىقىدىن، باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، بىراق سانلىق مەلۇمات ۋە جازالانغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ