خىتاي تەيۋەنگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سالدى

خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى تەيۋەنگە قاتتىق تەھدىت سېلىپ، «قورال ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى كۆزلەش ئۆلۈمدىن باشقا يول ئەمەس» دەپ جار سالدى.

بېيجىڭ گېزىتىنىڭ 29-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە داۋاملىق قورال سېتىپ بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىغان بولۇپ، مەزكۇر ئىشخانىنىڭ باياناتچىسى چېن بىنخۇا جاۋابەن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ بىرلەشمە خىتابنامە، بولۇپمۇ 17-ئاۋغۇست ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئالاقىدار تارماقلار كۆپ قېتىم پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

باياناتچى چېن بىنخۇا يەنە ئامېرىكا تەرەپنى ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى»غا ئەمەل قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىقتەك كەسكىن سىياسىي ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ: «نۇرغۇن پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قورال ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى كۆزلەش ئۆلۈمدىن باشقا يول ئەمەس، چەت ئەلگە تايىنىپ ئۆزىنى ھىمايە قىلىش ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلغانلىق» دەپ جار سالغان.

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەن دېڭىز بوغۇزىدا ئۈزلۈكسىز ئاۋارىچىلىك ۋە تەھدىت سالغاندىن باشقا، تەيۋەننىڭ پىرىزدېنت سايلىمى مەزگىلىدە ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن سايلامغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنغان ھەمدە تەيۋەن ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى سېتىۋېلىپ، تەيۋەننى قالايمىقان قىلماقچى بولغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1714 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2023 13:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق