خىتاي ساختا ھېسابات ئارقىلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى كونترول قىلىشقا كۈچىمەكتە

فېيسبۇك ۋە ئىنستىگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ باش شىركىتى مېتا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى تارقىتىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىرىنى كونترول قىلىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىگە قايىل قىلىش مەقسىتىدە، ساختا ھېسابات ئىشلىتىشنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فېيسبۇك ۋە ئىنستىگرامنىڭ باش شىركىتى مېتا 30-نويابىر ئاگاھلاندۇرۇش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىپ، باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلغانلىقىنى، بۇ خىل ھەرىكەت ئارقىلىق خىتاينىڭ رۇسىيە ۋە ئىراندىن قالسىلا خەلقئارالىق تەسىر كۈچىنى بازارغا سېلىۋاتقان ئۈچىنچى چوڭ مەنبەگە ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مېتانىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، مېتا بۇ يىل خىتاينىڭ بەش ساختا ھېسابات تورىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، خىتاي بۇ يىل دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ساختا ھېساباتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دۆلەتكە ئايلانغان.

مېتا دوكلاتىدا يەنە گەرچە خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا پۈتۈن كۈچى بىلەن ساختا ھېسابات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىرىنى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مېتانىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەقەت بىر ساختا ھېساب تورىدىلا 4800 گە يېقىن ساختا ھېسابات بار بولۇپ، بۇ ھېساباتلاردا ساختا رەسىم، ساختا ئىسىم ۋە ئورۇن ئىشلىتىپ ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشايدىغان ھېسابات قۇرۇپ، قارشى سىياسىي مەزمۇنلارنى تارقىتىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ ساختا ئۇچۇرلارنى كېلەر يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى ئېنىق ئىكەن.

 Meta شىركىتىنىڭ يەرشارى تەھدىتى بۆلۈمىنىڭ ئاخبارات مەسئۇلى بېن نىممونىڭ

 ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل ساختا ھېساباتلىرىنىڭ تەھدىتى 2020-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئېشىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ قوزغىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1776 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2023 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق