خىتاي ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسىنىڭ سىنىقىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى خىتاينىڭ فۇجيەن ناملىق ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسىنىڭ پورتتا توختىتىش سىنىقىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي جياڭشى ئۆلكىلىك تورىنىڭ 30-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن خىتاينىڭ ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى «فۇجيەن»نىڭ نۆۋەتتە باغلاپ توختىتىش سىنىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، كېيىن پىلان بويىچە قۇرۇلۇش تۈرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغان سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر قىلىشىچە، بۇلتۇر 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، خىتاينىڭ فۇجيەن پاراخوتى شاڭخەيدىكى جياڭنەن پاراخوت زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ پۈتكەندىن كېيىن سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا يەنە فۇجيەن ئاۋىياماتكىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، پىلان بويىچە توختىتىش سىنىقى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئەمما باياناتچى فۇجيەن ئاۋىياماتكىسىنى قايسى دېڭىزدا سىناق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كونكرېت ۋاقىتنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، خوڭكوڭ تاراتقۇلىرى 21-نويابىر ئەڭ يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئېلېكتىر ماگنىتلىق كاتاپۇلت ئاۋىياماتكىسى «فۇجيەن»نىڭ 19-نويابىر پورتتىن ۋاقىتلىق ئايرىلغانلىقى، پاراخوتنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىملىق دېڭىز سىنىقى بولۇپ، بۇ سىناق كېلەر يىلىغىچە كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي رېجىمى يېڭى ياسىغان پاراخوتلىرى ۋە دېڭىز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىپ، قوشنا دۆلەتلەردىن زېمىن تەلەپ قىلماقتا ياكى ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ داۋراڭ سالماقتا ۋە بۇ سەۋەبلىك رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانچە يىرىكلەشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1737 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2023 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق