ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن بىرى، تالاش-تارتىشلىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ بەرپاچىسى ھېنرى كىسىنگېر 100 يېشىدا ئامېرىكىدا ئۆلدى.
1973-يىلى 9-ئايدىن 1977-يىلى 1-ئايغىچە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پىرېزىدېنتى رىچارد نىكسون دەۋرىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، 1969-يىلدىن 1975-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك نۇرغۇن ۋەقەلەردە رول ئوينىغان، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قۇرغۇچى داھىيسى دەپ قارالغان، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئەڭ سوغۇق ۋاقىتلاردىمۇ ھېچقانداق رەسمىي ۋەزىپىسى بولماي تۇرۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ كەلگەن، شۇنداقلا «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپمۇ سۈپەتلەنگەن ھېنرى كىسىنگېر 100 يېشىدا ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكاتتىكى ئۆيىدە ئۆلدى.
كىسىنگېر ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى رەسمىي ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان بولۇشىغا قارىماي، دۇنيا سىياسەت سەھنىسىدە ئىزچىل ھالدا دەتالاشلىق باياناتلارنى بېرىشنى توختاتمىغانىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئامېرىكا پىرىزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈشكە شەرت قويۇپ تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە، 2023-يىلى ئىيۇلدا تۇيۇقسىزلا خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
ھېنرى كىسىنگېر 29-نويابىر 100 يېشىدا ئۆلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەس-بەستە ماتەم ئېلان قىلىپ: «خىتاي خەلقى ئۇنىڭ خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تارىخىي تۆھپىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ» دەپ سۈپەتلەشتى. كىسىنگېرنىڭ رەسمىي تور بېتىمۇ تەزىيەنامەسىدە «خىتاي» كەلىمىسىنى ئون نەچچە قېتىم تىلغا ئالدى.
ھېنرى كىسىنگېر 1923-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە فۇرت شەھىرىدە بىر يەھۇدىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ناتسىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 1938-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نىيۇيوركقا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ 1940-يىلى مانخاتتاندىكى جورج ۋاشىنگتون ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نىيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتتا بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان.
1943-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى 20 ياش ۋاقتىدا ئامېرىكا پۇقراسى بولغان كىسىنگېر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ھەربىي خىزمەتنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ياۋروپا قوماندانلىق مەركىزىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ئوقۇغان ۋە 1952-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ، 1954-يىلى سىياسەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1954-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەم ھۆكۈمەتتە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەركىزىدە ئىشلىگەن ھەمدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇ 1952-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە مۇدىرى بولغان. 1961-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرى جون كېننىدى ۋە لىندون جونسوننىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى بولغان. كېيىن پىرېزىدېنت بولغان رىچارد نىكسون ئۇنى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.
شۇنداقلا سابىق پىرېزىدېنت جورج بۇش 11-سېنتەبىردىكى ھۇجۇمنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ باشلىقلىقىغىمۇ ھېنرى كىسىنگېرنى تەيىنلىگەن.
ھېنرى كىسىنگېر يەنە كامبودژاغا تاشلانغان ۋە 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان چاچما بومبىلىرى سەۋەبلىك بىر ئۆمۈر تەنقىد نىشانى بولۇپ كەلگەن.
كىسىنگېر يەنە 1969-يىلدىن 1976-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مىليونلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، ۋىيېتنام ئۇرۇشىنى ئۇزارتىش ۋە توقۇنۇشنى كامبودژاغا كېڭەيتىشتە مۇھىم رول ئويناش، كامبودژا، شەرقىي تىمور ۋە بېنگالدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا يول ئېچىش، جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى قوللاش قاتارلىقلار بىلەن «ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇشىغا قارىماي، 1973-يىلى نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى كىسىنگېر ۋە شىمالىي ۋىيېتنام رەھبىرى لې دۇك تو 1973-يىلى ۋىيېتنامدا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى ئۈچۈن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگەن. ئەمما كىسىنگېرنىڭ 1969-يىلى نىكسوننىڭ كامبودژانى بومباردىمان قىلىشىنى قوللىغان بولۇشىغا قارىماي بېرىلگەن بۇ مۇكاپات نوبېل تارىخىدىكى ئەڭ تالاش-تارتىش قوزغىغان مۇكاپاتلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان ۋە نوبېل كومىتېتىنىڭ ئىككى ئەزاسى بۇ قارار سەۋەبلىك ئىستېپا بەرگەن.
ئۇندىن باشقا، كىسىنگېر خىتاي كوممۇنىست رېجىمى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىكى ھالقىلىق شەخس بولۇپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
«ئۇرۇش جىنايەتچىسى» دەپ ئاتالغان ھېنرى كىسىنگېرغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
كامبودژادىكى بومبا پارتلاش (500 مىڭ ئادەم قازا قىلغان)
شەرقىي تىمورنىڭ تاجاۋۇزىغا ياردەم قىلىش (200،000 ئادەم قازا قىلغان)
چىلى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش (ئامېرىكا قوللىغان پىنوچېت دىكتاتورى)
بېنگال قىرغىنچىلىقى (ئۈچ مىليون ئادەم قازا قىلغان)
ئارگېنتىنادىكى ئۇرۇش (30 مىڭ ئادەم قازا قىلغان، 30 مىڭ ئادەم يوقاپ كەتكەن)
لائوسنى بومباردىمان قىلىش (200 مىڭ ئادەم قازا قىلغان)
ۋىيېتنام ئۇرۇشى (2 مىليون 530 مىڭ ئادەم قازا قىلغان)
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر