خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ كۆلىمى تارىيىشقا باشلىدى

ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ كۆلىمى ئېغىر دەرىجىدە تارىيىشقا باشلىغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 30-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، رەسمىي سېتىۋېلىش دىرېكتورلىرى كۆرسەتكۈچى (PMI) ئۆكتەبىردىكى 49.5 دىن نويابىرغا كەلگەندە 49.4 كە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىن تۆۋەن بولغان.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى زاكاز تارماق كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئىككى ئاي ئازلىغان بولۇپ، يېڭى ئېكسپورت زاكاز تارماق كۆرسەتكۈچى ئۇدا توققۇز ئاي تۆۋەنلىگەن.

كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان يەنە بىر ئەھۋالدا كەڭ مۇلازىمەت تارماقلىرى 12 ئاي ئىچىدە تۇنجى قېتىم كىچىكلىگەن. مۇلازىمەت ۋە قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياسىمىچىلىق PMI كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكى 50.6 دىن نويابىر ئېيىغا كەلگەندە 50.2 گە چۈشۈپ قالغان. ئۇندىن باشقا خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك بازىرى كىرىزىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپى، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گىئوپولىتىلىق جىددىيلىكنىڭ تەسىرىدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل يۇقۇمدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشىنى چەكلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆكتەبىر ئېيىدا يىل ئاخىرىغىچە 1 تىرىليون يۈەن (138 مىليارد 700 مىليون دوللار) ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زايوم تارقىتىش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2023-يىللىق خامچوت قىزىل رەقەمنى ئەسلىدىكى %3 تىن %3.8 كە ئۆستۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1544 قېتىم كۆرۈلدى
01/12/2023 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق