بىر ئاي ئىلگىرى فىلىپپىننىڭ مانىلادا تۇتقۇن قىلىنغان تۆت خىتاي پۇقراسىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
فىلىپپىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 28-نويابىر فىلىپپىن ساقچى دائىرىلىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۇتقۇن قىلىنغان ئالتە خىتاي ئىچىدىكى ئىككىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى، باشقا ئىككى خىتاينىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى، ئەمما ساقچىلارنىڭ يەنىلا DNA تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
30-نويابىر خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىزمەتچىلىرى نەندۇ خەۋەر قانىلىنىڭ مۇخبىرىغا ئۆزلىرىنىڭ تۆت خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
30-ئۆكتەبىر سەھەردە فىلىپپىن مانىلانىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئالىي داچا مەھەللىسىدە ئالتە خىتاي پۇقراسى ۋە ئۈچ فىلىپپىن پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ۋەقەدىن كېيىن ئۈچ فىلىپپىن پۇقراسىنىڭ تۇتقۇن قىلغۇچىلار تەرىپىدىن كالاۋەن بازىرىدا قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما ئالتە خىتاي پۇقراسىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى.
ئارقىدىنلا 3-نويابىر خىتاينىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، بۇ دېلوغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ