ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىر يۈرۈش قانۇن لايىھەلىرى قاتارىدا «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 29-نويابىر بىر يۈرۈش قانۇن لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خوڭكوڭنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سودا ئىشخانىسىنىڭ داۋاملىق ئالاھىدە دىپلوماتىك مۇئامىلە ۋە ئېتىبار بېرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش-بولماسلىقىنى قايتا باھالاش تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى يەنە خىتايغا چېتىشلىق بىر قاتار قانۇن لايىھەلىرىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ سۈنئىي ئىدراك ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەگە مەبلەغ سېلىشىنى توسۇش، تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قوللاش قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 28-نويابىر خوڭكوڭ ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسىنىڭ «گۇۋاھنامە قانۇنى» نى 0 گە قارشى 30 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ مۇھىم ئىلغار تېخنىكىلارغا ئېرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى قارارمۇ ماقۇللانغان.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى يەنە «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى يوڭ كىم ۋە بۇ كومىتېتنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان تارماق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە بىر قانچە پارتىيە ھالقىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»دە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ خىتاينى شەرقىي تۈركىستاننى تاشقى دۇنياغا، ئاخبارات ساھەسىگە، پارلامېنت ئەزالىرىغا ۋە شۇنداقلا پارلامېنتتىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئەزالىرىغا ئېچىۋېتىشقا، ئۇلارنىڭ ئەركىن ۋە كونترولسىز ھالدا رايوننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.
بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، دىنى ۋە تىلىنى ئېتىراپ قىلىش، ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي كىملىكىنى ساقلاشنى تىنچ ھالدا تەشەببۇس قىلغان كىشىلەرنى باستۇرۇش، تۈرمىگە تاشلاش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىش تەلەپ قىلىنغان.
«ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»دا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلىنغان بارلىق جازا لاگېرىنى تاقاشقا چاقىرىق قىلىش تەلەپ قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ