ھۆججەتلىك فىلىم خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە قانداق سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

ئەنگلىيەنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغان «مەخپىيەتلىك ۋە ھوقۇق» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى تەسىرى ۋە ئەنگلىيە ئورگانلىرىغا قانداق سىڭىپ كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي غەربلىك شەخسلەرنى ئىشلىتىپ، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى قوللايدىغان پائالىيەتچىلەرگە جاسۇسلۇق قىلدۇرغان ۋە ئەنگلىيە ئالىي بىلىم ئورگانلىرى، ھەربىي تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى BBC   نىڭ  4-قانىلى 29-نويابىر كەچتە «مەخپىيەتلىك ۋە ھوقۇق: خىتاي ئەنگلىيەدە» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ فىلىمدە خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىلىم-پەن ئەركىنلىكىگە قانداق قول تىققانلىقى ۋە خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرىنى قانداق نازارەت قىلغانلىقىدىن ئىبارەت كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ۋەقەلىكلەر تەسۋىرلەنگەن.

ھۆججەتلىك فىلىمدە خىتاينىڭ ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا بولغان تەسىرى ۋە خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەرنى قانداق نازارەت نىشانى قىلغانلىقى پاش قىلىنغان بولۇپ، ئەنگلىيەدە پاناھلىق تىلىگەن خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاينىڭ مۇرەككەپ جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ نىشانى قىلىنغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. خوڭكوڭلۇق داڭلىق دېموكراتچى فىن لاۋ بۇ يىل خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر مىليون خوڭكوڭ پۇلى بىلەن مۇكاپاتلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ساختا مۇخبىرلار ئۇنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان. گەرچە ئۇ ئەنگلىيەدە بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىدىن ئەنسىرەپلا يۈرگەن. 

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ خەلقى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا قارىتىلغان بۇ ۋەقەلەر خىتاينىڭ ئەنگلىيە سىياسىتىگە ئارىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بەشىنچى باشقارما يېقىندا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ جاسۇسلىرىنىڭ پەقەت LinkedIn دىلا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەنگلىيەلىكلەرنى نازارەت قىلغانلىقىنى بايقىغان. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى «دەۋر خاراكتېرلىك رىقابەتچى» دەپ بېكىتكەن بولۇپ، ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتىمۇ خىتاينى ئەنگلىيەگە نىسبەتەن «چوڭ تەھدىت» دەپ بېكىتكەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1532 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2023 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق