ھىندىستان ھىندى ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 4 مىليارد 800 مىليون دوللار خىراجەت ئاجرىتىپ، ئىككىنچى ئاۋىياماتكا ياساشنى پىلانلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 29-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى باشچىلىقىدىكى ئاساسلىق مۇداپىئە قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى (DAC) جۈمە كۈنى ھىندىستاندا ياسالغان ئىككىنچى ئاۋىياماتكىنى سېتىۋېلىش مەسىلىسىنى تەستىقلىشى مۇمكىن ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كەم دېگەندە 28 كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچارنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان يېڭى ئاۋىياماتكىنىڭ سۇ چىقىرىش كۈچى 45 مىڭ توننا بولۇپ، ئۇنىڭغا فىرانسىيەنىڭ دېلتا قاناتلىق ھەرىكەتچانلىقى يۇقىرى، كۆپ ئىقتىدارلىق تۆتىنچى ئەۋلاد يېرىم كۈرەشچى ئايروپىلان رافالېنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
ھىندىستاننىڭ تۇنجى يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىغان ئاۋىياماتكىسى INS Vikrant (ھىندى تىلىدا باتۇر مەنىسىدە) ئۆتكەن يىلى دېڭىز فىلوتىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، ھىندىستاندا يەنە رۇسىيەدە ياسالغان ئاۋىياماتكىمۇ بار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ