ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ تېخىمۇ كۆلەملەشكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر شەرقىي تۈركىستاندا راۋاجلىنىۋاتقان تاشقى سودىنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىدى.

زىمىستان تورىنىڭ 29-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى سودا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى مەجبۇرىي ھالدا خىتاينىڭ ھەرقايسى زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنىڭ غەرب بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يېڭى سودا سانلىق مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرىنچى پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى %49 ئاشقان. 2023-يىلىنىڭ ئۈچىنچى پەسىلگە كەلگەندە %50 تىن ئاشقان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» بۇ يىل 24-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ۋە خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى بولغان «خىتاي خەۋەرلىرى» قەشقەر ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقى سودىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن %113 ئاشقان.

كوممۇنىزمنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات مۇدىرى ۋە ئالىي تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلىرى يېقىندا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېكسپورتنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈلگەنلىكى ئىكەن.

دوكتور ئادرىيان زېنز 2015-يىلى چىن چۈەنگو شەرقىي تۈركىستانغا سېكرېتار بولغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن تەكشۈرۈشكە باشلىغان تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشى مۇمكىن بولسىمۇ، خاراكتېرى يەنىلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن.

ئادرىيان زېنز «زىمىستان تورى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ۋىلايەتلىرىدە ئېكسپورتنى زور كۆلەمدە ئاشۇرغانلىقىنى، بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ نۆۋەتتە زور دەرىجىدە كۆلەملەشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1351 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2023 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق