ئاۋسترالىيە خىتاي ئالاھىدە خادىملىرىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگۈچىنى رەسمىي ئەيىبلىدى

ئاۋسترالىيە باش تەپتىش مەھكىمىسى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان ئاۋسترالىيەنىڭ شاڭخەيدىكى مال سېتىشقا مەسئۇل ئەمەلدارىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا چەتتىن ئارىلىشىش قىلمىشىغا قاتنىشىش جىنايىتىنى بېكىتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 55 ياشلىق ئاۋسترالىيە پۇقراسى ئالېكساندېر سېرگو 29-نويابىر سىن ئۇلىنىشى ئارقىلىق سىدنېي سوتىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئاۋسترالىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل 4-ئايدا شاڭخەيدىن ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قولغا ئېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالېكساندېر سېرگو ئاۋسترالىيەدە تۇنجى بولۇپ «بىپەرۋالىق قىلىپ چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا ياردەم بېرىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئاۋسترالىيە قانۇنىغا ئاساسەن چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئارىلىشىشىغا ياردەم بېرىش جىنايىتىگە 15 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن. ئالېكساندېر سېرگو بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە ئەرز سۇنمىغان. ئۇ شاڭخەيدە تۇرغان مەزگىلدە ئاۋسترالىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خىتاي ئاخبارات خادىملىرىغا سېتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن.

ئىگىلىنىشچە، ئالېكساندېر سېرگو خىتايغا ساتقان ئۇچۇرلار ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا-ئەنگلىيە ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتى (AUKUS) دائىرىسىدىكى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى، ئامېرىكا-ياپونىيە-ھىندىستان-ئاۋسترالىيە تۆت تەرەپلىك سۆھبەت (QUAD) دائىرىسىدىكى تاشقى ئىشلار ھەمكارلىقى ۋە تۆمۈر رۇدىسى قېزىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1053 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2023 16:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق