2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان 2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى 22-نويابىر ئاخىرلاشقان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، 2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى تولۇق ئاخىرلاشقان بولۇپ، مۇسابىقە قىزىلسۇ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن. 22-نويابىردىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇرپان كوماندىسى ئۈچكە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن سانجى كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان. ئاتۇش كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 11-نويابىر رەسمىي باشلانغان بولۇپ، 12 كۈن داۋاملاشقان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن كەلگەن توققۇز كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشقان.

ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «پۇتبول يۇرتى» دەپ نامى بولۇپ، شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا توپ تېپىۋاتقان چوڭلار ۋە بالىلارنى كۆرگىلى بولاتتى. ئىلگىرى ئاتۇش شەھىرى پۇتبول ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتكەن بولۇپ، خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەنىدى. گەرچە ئاتۇش خەلقى ھەر تۈردىكى مۇسابىقىلەرنى تەشكىللەپ، مۇنەۋۋەر توپچىلارنى يېتىشتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي رېجىمى 2014-يىلىدىن باشلاپ كوماندىلارنىڭ مۇسابىقە تەشكىللىشىنى چەكلىگەنىدى. شۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى داۋامىدا خەلقئارالىق سەۋىيەگە يەتكەن، تونۇلغان توپچىلار ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولانغانىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پۇتبول مۇسابىقىلىرى تەشكىللەشنى چەكلەپ، ئون يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە مۇسابىقىنى قايتا تەشكىللىشىنىڭ ئارقىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى يوشۇرۇنغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كېلىش سەۋەبلىك قاتتىق بېسىمغا دۇچ  كەلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك خىتاي شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ نورمال ھالەتكە كەلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش،  لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولاش، بالىلارنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي يىغىپ، ھەر جەھەتتىن خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3832 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2023 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق