بېرما قوزغىلاڭچىلىرى خىتاي چېگراسىغا يېقىن جاينى قولغا كىرگۈزگەن بولۇپ، خىتاي ئارمىيەسى چېگرا رايونىدا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.
Devdiscourse تورىنىڭ 28-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت قوراللىق كۈچلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىمالىي چېگرادىكى مۇھىم سودا ئورنىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، مەزكۇر چېگرانىڭ ئۇدۇلىدا خىتاي ئارمىيەسى مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش جەڭ تەييارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېرمىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەربىي ھۆكۈمەت بىلەن ئاز سانلىق مىللەت قوراللىقلار ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا بىر ئاي داۋاملاشقان كەسكىن جەڭ چېگرا رايونىدىكى ئون مىڭلىغان كىشىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ جەڭ 2021-يىلىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ھەربىيلەر ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، قوراللىق قوزغىلاڭچىلار بېرمىنىڭ ئۇرۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان ھەربىي ھۆكۈمەتكە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغان. شىمالدىكى ھۇجۇمنىڭ كۈچىيىشى بىلەن دېموكراتىيەنى قوللايدىغان قوراللىق كۈچلەر دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى كۈچەيتكەن.
ھەربىي ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ «ئۈچ قېرىنداشلار ئىتتىپاقى» ئۆزلىرىنىڭ بىر قانچە شەھەرنى ۋە خىتاينىڭ چېگرا رايونىدىكى مۇسې بازىرىدىكى بەش چوڭ سودا رايونىنىڭ بىرى بولغان كيېن-سان-كياۋت چېگرا ئېغىزىنى بويسۇندۇرغانلىقىنى ئېيتقان. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، مەزكۇر رايوندا يۈك ماشىنىلىرى ئەترىتىگە ئوت قويۇلغان بولۇپ، ھەربىي ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، قوزغىلاڭچىلار بۇ ئىشتا مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ