خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان يوقىتىش تەدبىرىنى تىبەتلەرگىمۇ ئىجرا قىلماقتا

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە جىنايىتىنى تىبەت ئۆسمۈرلىرىگىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجرا قىلماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار تورىنىڭ 28-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى رەھىمسىزلەرچە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىدا سىستېمىلىق تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئېتىقادىنى باستۇرۇش ئارقىلىق يوقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. خىتاي يېقىندا يەنە ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلغان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى تىبەت خەلقىگىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي سولىغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي رېجىمى بىر مىليونغا يېقىن تىبەت ئۆسمۈرنى تىبەت ئېگىزلىكىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە سولىغان بولۇپ، ئۇلارنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قىلغان. مەزكۇر ياتاقلىق مەكتەپلەر ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئارقىلىق، تىبەتلەرنى خىتاي قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەردە يۇقىرى دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇلغان دەرسلىكلەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، خىتاي مەزكۇر مەكتەپلەرگە تۆت ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ سولىغان ۋە بۇ مەكتەپلەرگە ھەرخىل يەسلى ناملىرىنى بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 853 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2023 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق