ياپونىيە بىلەن ۋىيېتنام خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە قارشى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورناتتى

ياپونىيە بىلەن ۋىيېتنام خىتاينىڭ رايوندا كۈنسېرى قەد كۆتۈرۈشى ۋە يولسىزلىقى سەۋەبلىك بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم باستى.
بانكوك پوچتىسى گېزىتىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە ۋىيېتنام پىرېزىدېنتى ۋو ۋان تۇڭ Vo Van Thuong
دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان.

كىشىدا ۋە ۋو ۋان تۇڭ باش ۋەزىرنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى قاتنىشىدىغان ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا داۋاملىق تەييارلىق قىلىدىغانلىقى، ياپونىيەنىڭ كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئىككى رەھبەر يەنە ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇ يىل يەنە ياپونىيە بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ يېرىم ئەسىر بولغانلىقىنى خاتىرىلەيدىكەن.

ياپونىيە ۋىيېتنام ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا خىتاينىڭ رايوندىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتقان بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مەبلەغ سېلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

ۋىيېتنام شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رايون بولغان جەنۇبىي دېڭىزدا خىتاي بىلەن بولغان زېمىن تالاش-تارتىشى بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيەمۇ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن زىددىيەتلىشىپ كەلمەكتە.

ياپونىيە رايوندىكى خىتاي بىلەن زىددىيەتلىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرگە رەسمىي بىخەتەرلىك ياردىمى دەپ ئاتىلىدىغان مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان يېڭى پىلان تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، 2024-يىلى 3-ئايغىچە بولغان مالىيە يىلىدا 2 مىليارد ياپون يىنى (13 مىليون دوللار) ئاجراتقان.

فۇمىئو كىشىدا 16-دېكابىردىن باشلاپ ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان ياپونىيە-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئۇچرىشىشىنى كۈتۈۋالىدىكەن.

ۋو ۋان تۇڭ پەيشەنبە كۈنىگىچە ياپونىيەدە تۆت كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ مارت ئېيىدا پىرېزىدېنت بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق دۆلەت زىيارىتى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1586 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2023 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق