تالىبان ھۆكۈمىتى خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى تەيىنلىدى

قەندىھاردىكى تالىباننىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، تالىباننىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى بىلال كەرىمىي تالىباننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن.

ئافغانىستان خەۋەر قانىلى ئامۇ قانىلى قەندىھاردىكى بىر مەنبەدىن جەزملەشتۈرۈشىچە، باش ئەلچى تالىبان باش مىنىستىرى ھەسەن ئاخۇند تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بولۇپ، نۆۋەتتە بىلال كەرىمىينىڭ ئاللىقاچان خىتايغا كېلىپ، تالىباننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامۇ قانىلىغا مەلۇمات بەرگەن مەنبە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنى رەسمىي ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خىتاي رېجىمىنىڭ جاۋ شېڭ ئىسىملىك خىتاينى تەخمىنەن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلىشىدىن كېيىن بېسىلغان قەدەم ئىكەن. خىتاي تالىبان ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى كابۇلغا ئەلچى ئەۋەتكەن تۇنجى دۆلەت بولغانىدى.

بىلال كەرىمىينىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى يېقىنقى ئىككى يىلدا كابۇلدىكى تالىبان ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا چەك قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان بىر پەيتتە، تالىباننىڭ چەت ئەلدىكى تۇنجى باش ئەلچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1605 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2023 14:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق