خىتاي تەيۋەنگە قارشى ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى

خىتاي تەيۋەنگە قارشى ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، تەيۋەننىڭ پېنسىيەگە چىققان ياكى خىزمەت ئۆتەۋاتقان ئون ئەسكىرى خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئون ھەربىي خادىم 27-نويابىر خىتاي كوممۇنىست رېجىمى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى ئىككى جاسۇس بىر سىندا خىتاي ئارمىيەسىگە سادىق ئىكەنلىكىنى، خىتايغا تەسلىم بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. بۇ ئەھۋال قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، تەيۋەن ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى سوتنىڭ بۇ جاسۇسلارغا قاتتىق جازا بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ خىمىيەلىك، بىيولوگىيەلىك مەشىق مەركىزى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ خۇادوڭ مۇداپىئە قوماندانلىق ئىشتابى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە ئالاھىدە ئۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 601-بىرىگادىسى ۋە باشقا ھەربىي قىسىملىرىدا يۈز بەرگەن تىل بىرىكتۈرۈش قاتارلىق جاسۇسلۇق دېلولىرىغا قارىتا، تەيۋەن ئالى تەپتىش مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، بىر نەچچە ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئون ھەربىي خادىمىنى «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداش قانۇنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن ئەيىبلىگەن.

تەيۋەن يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، جاۋابكارلارنىڭ ئۈچى ھەربىي ئۇچۇر توپلاپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن تور تەسس قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەنلىكىنى، تۆت جاسۇسنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ ھەربىي مەخپىي ھۆججەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە بىر قاتار ھەربىي مەخپىيەتلىكلەرنى خىتاي كومپارتىيەسىگە ساتقانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1432 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2023 14:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق