مالايشىيا بىر نەچچە دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويدى

مالايشىيا خىتاي، تۈركىيە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە 30 كۈنلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويدى.

تۈركىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىم 26-نويابىر مالايشىيانىڭ 1-دېكابىردىن باشلاپ خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا تۇرۇش مۇددىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىسە، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە ۋە مالايشىيادىن ئىبارەت ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن پۇقرالارغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن، 2023-يىلى 1-دېكابىردىن 2024-يىلى 30-نويابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا سودا، ساياھەت، تۇغقان يوقلاش ۋە تىرانسپورت قاتارلىق ئىشلار سەۋەبلىك خىتايغا كىرمەكچى بولغان مەزكۇر ئالتە دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا 15 كۈنلۈك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1489 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2023 14:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق