ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاسىيا-تىنچ ئوكيانغا قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان يېڭى تىپتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 26-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ 25-نويابىر ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سنارەدلىك قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ پاراسېل ئارىلىغا رۇخسەتسىز كىرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بولسا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ دائىملىق يول باشلاش ئەركىنلىكى بار رايوندا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان قوماندانى چارلېز فىلېن يېقىندا خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، كېلەر يىلى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك قۇرۇقلۇقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ھەربىي خەۋەر تور بېكىتى «مۇداپىئە بىرىنچى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چارلېز فىلېن يېقىندا كانادادىكى خالىفاكىس خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە مۇخبىرلارغا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان قوراللىرىنىڭ قۇرۇقلۇقنى ئاساس قىلغان توماخاۋك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە مۇخبىرلارغا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقىنى ۋە 2024-يىلى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ خەتەرلىك يۆلىنىشكە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ