خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاينىڭ ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرىغا بولغان تەسىرى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە مۇخبىرلارغا قىلغان بېسىمى ۋە تەھدىتى دىققەت قوزغىماقتا.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرىغا بولغان تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلات ئېلان قىلىنغانلىقىغا بىر يىل بولغاندىن كېيىنمۇ، ژۇرنالىستلار ۋە ئانالىزچىلار يەنىلا خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدىكى يەرلىك خەۋەرلەرنى ئۈزلۈكسىز كونترول قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان.

بۇلتۇر 9-ئايدا ۋاشىنگىتوندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى - ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، خىتاي رېجىمىنىڭ 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھىندونېزىيە بىلەن خىتاينىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن يېڭىدىن كېلىشىملەرنى تۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، تېلېۋىزىيە تورى ۋە دىپلوماتىك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىنى ئېچىپ، بۇ خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار جامائىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي رېجىمىنىڭ كۆز قارىشى ۋە كۈتكىنىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى ئالىي مەسلىھەتچىسى سارا كۇكنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتا نۇرغۇن پىلانى بار بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى خەلقئارادا خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر شارائىت ھازىرلاش ئىكەن.

ئالدىنقى چارشەنبە جاكارتادىكى ئەقىل ئامبىرى ئىقتىساد ۋە قانۇن تەتقىقات مەركىزى (Celios) ساھىبخانلىق قىلغان پائالىيەتتە، خىتاي-ھىندونېزىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى زۇلپىقار رەھمەتنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تەرەپ ھىندونېزىيەدە خىتاي ھەققىدە ئېيتىلغان ئىجابىي ھېكايىلەرنى تەشۋىق قىلىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يالغان تەشۋىقاتلىرى بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىغا قاتنىشىشى قاتارلىق ئىككى مەسىلىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1338 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2023 13:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق