شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنى ياراتقانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ھۆكۈمەت ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2023-يىللىق ساياھەت يىلى مۇنبىرى 24-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاتالمىش «شىنجاڭ» خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلانغان.
مۇنبەرگە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قاتناشقان بولۇپ، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» كومىتېتى ھەمدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ماركىنى ياراتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.
مۇنبەرگە قازاقىستان ساياھەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يېلران يېركىنبايوف، ئىران ساياھەت بازىرى ئىدارىسىنىڭ باش ئىدارە باشلىقى مۇسلىم شاھجالى، پاكىستان ئىچكى كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خاماد شامىمى، ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۈمىد شازىيوف، قىرغىزىستاننىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى راخمان ئادانوف، بېلارۇسىيە تەنتەربىيە ۋە ساياھەت مىنىستىرى سېرگىي كوۋالچۇك قاتارلىقلار قاتناشقاندىن باشقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق ئەمەلدارلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى خىل ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، بىر تەرەپتىن ئاشكارا ھالدا خەلقئارا يىغىنلارنى ئېچىش ۋە خەلقئارادىكى ساياھەتچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىپ كۆز بويىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ساختا ئورۇنلارنى تەييارلاپ كۆز بوياۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېئاللىقىغا زىت سەپسەتىلەرنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.