بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇراجىئەت

بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇراجىئەت
خەلقىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قانۇنلارنى تەپتارتماستىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قاتتىق ئىجرا قىلماقتا.
شەرقىي تۈركىستان خەلقى 21-ئەسىردە قۇللۇق دەۋرىدىكىدىنمۇ ئېغىر بولغان خورلۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە ۋە قىرغىن قىلىنماقتا. بۇ زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلار ماۋ دەۋرىدىكى سىياسىي باستۇرۇشلاردىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. 
مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى غەرب ئەللىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئاساسەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىسلام ئەللىرىدىكى ئىسلامىي تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي قېرىنداشلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشىنى كۆرمەسكە سالماقتا.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ئۆلىما، ئۇستازلارنىڭ كىشىلەرگە دىن ئۆگەتكەنلىكى، ئىمام، خاتىپ بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن شەھىد قىلىنغانلىقى، تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ، نەچچە يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى، لاگېرلارغا قامىلىپ، قىيناپ ئۆلتۈرگەنلىكى، ھەتتا خىتاي ئاچقان مەكتەپلەردە تەربىيەلىنىپ، نەچچە يىللىق ئىمام، خاتىپلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ئۆلىمالارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، نەچچە يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئاراغا بىلدۈرۈشنى ۋە ئۆلىمالىرىمىز ھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇشنى قارار قىلدۇق.
بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىز بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، شەھىد قىلىنغان ياكى كېسىلگەن، ئىز-دېرىكى بولمىغان، لاگېرغا قامالغان ئۆلىما، قارى قۇرئان، ئىمام، خاتىپلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش تەلىپى:
ئىسىم-فامىلىسى، يېشى، ئوقۇغان مەكتىپى، ئوقۇش تارىخى، يۇرتى، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەسجىدى، قاچان تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قاچان، قەيەردە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، خىتاينىڭ چاپلىغان تۆھمىتى قاتارلىقلار. مۇمكىن بولسا بىرەر پارچە سۈرىتىنى تەمىنلىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات ۋە ئاخبارات ئاگېنتلىقى.

ئالاقە ۋە مەلۇمات يوللاش نومۇرى:

[email protected]

05536619882

 05538951933

بۇ خەۋەر 24044 قېتىم كۆرۈلدى
21/02/2019 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق