خىتاي رېجىمىنىڭ ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ B-21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى بايقاپ يوقىتالايدىغان سەۋىيەگە كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي غەربىي شىمال سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئامېرىكىنىڭ B-21 تىپلىق كۆلەڭگە ئايروپىلانى ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارغا قارشى ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلىتىپ تەقلىدىي جەڭ مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.
خىتاينىڭ بۇ قورالى گەرچە ئامېرىكىغا قايتۇرما زەربە بېرەلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما جەڭ مۇرەككەپ بولغانلىقى سەۋەبلىك، قارشى تەرەپنى بىر قانچە سائەت بايقاپ ئاندىن زەربە بېرىدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا خىتاينىڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق بىر قىسىم يېڭى ھەربىي ئىقتىدارلىرى تەقلىد قىلىنغان. مەزكۇر تەتقىقاتتا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ J-20 كۆلكەڭگە كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئىككى كىشىلىك نۇسخىسى سىناق قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ