خىتاينىڭ لازېر نۇر ھۇجۇمى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ لازېرغا قارشى قورال سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت ھەربىي ھازىرلىق مۇسابىقىسىنى قوزغىدى.
ياۋرو ئاسىيا ۋاقىت تورىنىڭ 25-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ غەربنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ھەربىي دەرىجىلىك لازېر ياكى يورۇتۇش بومبىسى ئېتىش ۋەقەلىرى كۆپەيگەن بىر پەيتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىرىنى لازېر نۇرى ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 42 مىڭ ئالاھىدە ياسالغان كۆزئەينەك سېتىۋالغان.
يېقىندا لازېر نۇر بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئاساسەن، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئۇچقۇچىلار ۋە باشقا ئايروپىلان بۆلۈمى خادىملىرىغا كېلىۋاتقان خەۋپىنى ئازايتىشقا تىرىشقان بولۇپ، تەمىنلىگەن كۆزئەينەك تۇنجى قېتىم لازېر ۋە باللىستىك تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياسالغان.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لازېر نۇرى كۆز قارىچۇقىغا ياكى ئايروپىلاننىڭ ئەينىكىگە ئۇرۇلغان ھامان ئۇچقۇچىنى ۋاقىتلىق قارىغۇ قىلىپ قويىدىكەن. بۇ قوزغىلىۋاتقان ياكى قونۇۋاتقان ھەربىي خادىملار ئۈچۈن تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەن.
ئوھايو ئىشتاتىدىكى رايت پېتىرسون ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى (Wright-Patterson) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەسئۇل خادىم: «ئۇچقۇچىلىرىمىز ئۈچۈن كۆزنىڭ ساغلاملىقى ئىنتايىن مۇھىم. مۇۋاپىق قوغدىنىشقا ئېرىشمەي تۇرۇپ، لازېر نۇرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېتىشنىڭ ئاقىۋىتى ئۇچقۇچىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئايروپىلاننىڭ بىخەتەر ئۇچۇشى ۋە قونۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەسپىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بىز بارلىق خادىملارنى مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋىياتسىيە خادىملىرى كېچە-كۈندۈز قوللانغىلى بولىدىغان لازېر نۇرغا قارشى كۆزئەينەك، باللىستىكقا قارشى كۆزئەينەك ۋە كېچىدە كۆرۈش كۆزئەينىكى ۋە كېچە-كۈندۈز ئىشلىتىشكە بولىدىغان كۆزئەينەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز خىل كۆزئەينەك بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل كۆزئەينەك بىلەن ئەجەللىك ئاقىۋەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ